ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى، ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچى سانى 484 كە يەتتى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 11 ئەسكەر يارىلاندى.

898493
ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى، ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچى سانى 484 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، ھەرىكەتنىڭ 8- كۈنىدە پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، تۈركىيەنىڭ 2 ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 11 ئەسكەرنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىدىنمۇ 2 كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقى، 4 كىشىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشتا پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا مەنسۇپ 53 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، كېچە بويىچە داۋام قىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 37 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، ھەرىكەت باشلانغان 20 – يانۋاردىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنىڭ 484 كە يەتكەنلىكى، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ پىلانلانغىنى بويىچە ئۇتۇقلۇق داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 29 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، ئۆڭكۈرلىرى، ئوق – دورا ئىسكىلاتى ۋە ئىستىھكاملىرى بولۇپ جەمئىي 42 نىشانىنى يوقىتىپ تاشلاپ بازىلىرىغا سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن ھەق – ھوقۇقلىرى، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار ھۆججەتلىرى ۋە ب د ت شەرتناملىرىدە كۆرسىتىلگەن «يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقى» دائىرىسىدە، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، ھەرىكەتنىڭ پىلان ۋە ئىجراسىنىڭ پەقەت تېررورچىلار ۋە ئۇلارنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، ئىستىھكاملىرى، قوراللىرى ۋە باشقا لازىمەتلىكلىرىنى يوقىتىپ تاشلاشنى نىشان قىلغانلىقى، پۇقرالار ۋە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 20 – يانۋار شەنبە كۈنى سائەت 17:00 دە باشلىغان چېگرا بويىنىڭ شۇنداقلا رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلغان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى»، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بۇلارنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى كۆزلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر