تۈركىيە ئارمىيەسى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرسەيا تۆپىلىكىنى قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئافرىننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرسەيا تۆپىلىكىنى قولغا كىرگۈزدى.

898737
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرسەيا تۆپىلىكىنى قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بۈگۈن ئەتىگەن ئافرىننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئازەزدىن پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى بۇرسەيا تېغىنى ئېلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ نەق مەيداندىكى مۇخبىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرسەيا تۆپىلىكى قولغا كىرگۈزۈلگەن.

تېررورلۇق تەشكىلاتى، بۇرسەيا تۆپىلىكىنىڭ ھەم كىلىس ۋىلايەت مەركىزى ھەم ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئازەزگە قارايدىغان ئورنىدىن پايدىلىنىپ، بۇ رايونلاردىكى پۇقرالارغا زەمبىرەك، گىراناتامىيوت ۋە راكېتامىيوتلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلماقتا ئىدى.

بۈگۈن كېچە ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ۋە زەمىبرەكچى قىسىملار تەرىپىدىن تۇپقا تۇتۇلغان بۇرسەيا تۆپىلىكىگە يۈرۈش قىلىش بىلەن باشلانغان ھەرىكەتنىڭ 9 – كۈنىدە بۇرسەيا تېغى بىلەن بىرلىكتە ئافرىننىڭ 5 بازىرىدىكى 13 يېزا، بىرى كىچىك بىر مەھەللە، تۆتى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تۆپىلىك بولۇپ جەمئىي 18 نۇقتا تەشكىلاتنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇلغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر