بوزداغ: تۈركىيە بۇنىڭدىن كېيىن ۋەدىگىمۇ ئەمەلىيەتكىمۇ تەڭ قارايدۇ

باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ۋەدە بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىي تاشلانغان قەدەملەرگىمۇ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

898647
بوزداغ: تۈركىيە بۇنىڭدىن كېيىن ۋەدىگىمۇ ئەمەلىيەتكىمۇ تەڭ قارايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن بوزداغ، «تۈركىيە بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت سۆزگىلا قارىمايدۇ، سۆز بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىي تاشلانغان قەدەمگە قارايدۇ. ئىككىسى بىر – بىرىگە ماس بولسا مەسىلە يوق. ئەپسۇسكى ھازىرغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەمەلدارلىرىنىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىلىرى بىلەن ئەمەلىي مەيداندىكى قەدەملىرى بىر – بىرىگە ماس بولمىدى. تاشلانغان ھەر بىر قەدەم بېرىلگەن ۋەدىلەرنى يالغانغا چىقاردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بوزداغ، تۈركىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ شەكىللەندۈرىدىغان، چېگرا بويىدىكى پۇقرالارنىڭ جان ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان، ئەسكەرلەرگە، ساقچىلارغا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، رايوندا پ ك ك نىڭ دۆلەتلىشىشىگە يول ئاچىدىغان ۋە پ ك ك نىڭ دۆلەتلەشتۈرۈلۈپ تېررور قۇشۇنى شەكىللەندۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان  ھېچبىر بىر ھەرىكەتكە يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «(تۈركىيە)، بۇنىڭ ئارقىسىدا كىمنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارغا بىلەن بىرمۇبىر ئېلىشىشتىن چېكىنمەيدۇ. ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار ۋە باشقا قوللاۋاتقانلار نىشانلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن ۋە بۇ نىشانلارنى پۈتۈنلەي بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بۇ يەردىكى بارلىق پىلان ۋە تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋەتمىگەن تەقدىردە، بۇ پىلانلارنى بىز تارقىتىۋېتىمىز، تەشكىلاتلارنى بىز بۇزىمىز. مۇنبىچمۇ، فىراتنىڭ شەرقىمۇ بۇلاردىن خالىيلاشتۇرۇلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر