«نومۇسسىز تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رەزىل سۇيىقەستىگە يېتىشىگە ئەسلا يول قويمايمىز»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن نومۇسسىز تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / ي پ گ نىڭ رەزىل سۇيىقەستىگە يېتىشىگە ئەسلا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

896006
«نومۇسسىز تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رەزىل سۇيىقەستىگە يېتىشىگە ئەسلا يول قويمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن «‹ CNN International › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كىرىستىنا ئامانفورنىڭ  «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ سۈرىيەدىكى كوردلارنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنى كوردلارنىڭ ۋەكىلى دەۋالغان نومۇسسىز تېررورلۇق تەشكىلاتىنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىن تەخمىنەن 700 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇنداق نومىسسىز بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چېگرا رايونىمىزدا ئاپتونومىيەلىك ھوقۇققا ئىگە بولۇۋېلىش ياكى دۆلەتتەك بىر تۈزۈم ئورنىتىۋېلىشتەك رەزىل سۇيىقەستىگە يېتىشىگە ئەسلا يول قويمايمىز.»

ئامېرىكا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان دەرىجىدە مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن قالىن، «تۈركىيە – ئامېرىكا ھەمكارلاشسا تېخىمۇ چوڭ ئىستىراتېگىيەلىك نىشانلىرىمىزغا يېتەلەيمىز ھەم ھەممىمىز نۇرغۇن جەھەتتىن ئورتاق مەنپەئەتلەرگە ئېرىشەلەيمىز» دېدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشلىشىغا تېگىشلىك ئىجابىي قەدەمنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە پ ي د / ي پ گ گە بەرگەن بارلىق قورال – ياراغلارنى يىغىۋېلىشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان قالىن، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە رۇسىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقدىشىمىز ئامېرىكىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بېرىۋاتقان ياردىمىنى ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتى ھەرگىزمۇ رايوندىكى كوردلارنى نىشان قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ زۇلمى، زوراۋانلىقىدىن قۇتقۇزۇشنى نىشان قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر