ھەربىي مەنبەلەر: تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تېررورچىلارنى پۇقرادەك قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى
ھەربىي مەنبەلەر، پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش ئەزالىرىنىڭ، تۈنۈگۈن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا باشلانغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن تەڭ تېررورچىلارنى پۇقرالاردەك قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى قەيت قىلىندى.
تۈرك ھەربىي خادىملار، پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ناھايىتى يۇقىرى سەزگۈرلۈك بىلەن ھەرىكەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى تېررورچىلارنىڭ قارا تەشۋىقاتىغا ئالدىنىپ كېتىشتىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى.
ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا، نىشانلارنىڭ بىرىنىڭ دائېشنىڭ رايوندىن تازىلىنىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
تېررورچىلارنىڭ پۇقرالارنى قالقان بولۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەزكۇر خادىملار، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلىرىنىڭ ئۆز ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى ھەرىكەت ساھەسىدىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ غېمىگە چۈشكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.