باش ئىشتاب باشلىقى بىريۇسسېلدا

باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار ناتو باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنى ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولماقتا.

889514
باش ئىشتاب باشلىقى بىريۇسسېلدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقارنىڭ ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جوزېف دۇنفورد ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ باش ئىشتاب باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.

ئاقارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇچرىشىشى دۇنفورد بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشى بولۇپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ھارپىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەردىن سىرت يەنە، رايونلۇق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى توغرىلىقمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ باشچىلىقىدىكى س د گ قوماندانلىقىدا 30 مىڭ كىشىلىك «چېگرا مۇداپىئەسى كۈچى» تەشكىل قىلىش قارارىنى جاكارلىشىدىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۇچرىشىشنى مۇھىم قىلغان يەنە بىر ئامىل سۈپىتىدە دىققەت قوزغىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر