ئەردوغان ماكرون بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

ئەردوغان سۈرىيە مەسلىسىنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىزنىڭ ھەل قىلىش چارىمىز، ئەسەدنىڭ بولماسلىقى ۋە سۇرىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئىرادىسى بىلەن سايلام ئۆتكۈزىشىدۇر» دېدى.

882799
ئەردوغان ماكرون بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيەدىكى بىر كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا پاتەخت پارىژدا مەنسەپدىشى ئېممانۇل ماكرون بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق باسقۇچىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق دېگۈدەك گوللاش تاكتېكىسى ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە بۇ باسقۇچلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى ئېغىر دەرىجىدە چارچاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان فىرانسىيە، تۈركىيە، ئىتالىيە ئۈچ تەرەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە «EUROSAM» گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. 

تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە دائېشقا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «ئەمدى دوستلىرىمىزغا شۇنى دېمەكچىمەن، دائېشقا ئوخشاشلا پ ي د ۋە ي پ گ مۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ يان قاناتلىرىدۇر. بۇلارغا قارشى كۈرەشنىمۇ بىز بىلەن بىرلىكتە قىلشىڭلار لازىم» دېدى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«ئەپسۇسكى بەزى دوستلىرىمىز بۇ مەسىلىدە تېخىچە ي پ گ نى ۋە پ ي د نى يېنىغا تارتقان ھالدا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى خىيال قىلىپ يۈرۈشمەكتە. ۋەھالەنكى دائېشقا قارشى يېڭى يېڭى پىلانلار تۈزۈلمەكتە ۋە دائېشنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈنمۇ پەرقلىق ئىمكانىيەتلەر تەييارلانماقتا. بۇ مەسىلىدە مېنىڭچە تېخىمۇ سەگەك بولۇشىمىز، ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ بىر - بىرى بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىقى ۋە مەلۇمات ئالماشتۇرۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىشىمىز لازىم»

ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە پ ك ك مەسلىسىدە فرانسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «فىرانسىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا نىسبەتەن سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يەردە جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلىرى شۇنداقلا سودا ئورگانلىرى بىلەن مۇئەسسەلىشىشكە قاراپ ماڭماقتا. پ ك ك مۇ ئوخشاش شەكىلدە مۇئەسسەلەشمەكتە. يەنى، بۇ يەردىكى سەزگۈرلۈك ئەگەر نەزەردىن ساقىت قىلىنسا، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئەتە بۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باشقىچە قىيىن مەسلىلىرى بولىدۇ» دېدى.

ئەردوغان قۇددۇسنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى ھەققىدە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تاشلىنىدىغان قەدەملەردە، فىرانسىيە بىلەن يېقىن مۇناسۋەت ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۈرىيە مەسلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ،  پاناھلانغۇچىلارغا قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلدى ۋە ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە: «بىزنىڭ ھەل قىلىش چارىمىز، ئەسەدنىڭ بولماسلىقى ۋە سۇرىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئىرادىسى بىلەن سايلام ئۆتكۈزىشىدۇر» دېدى.

ئەردوغان ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى پ ي د غا يوللىغان قوراللىرىنىڭ غەرب دۇنياسىدا سۈرۈشتە قىلىنمىغانلىقىنىمۇ غەلىتىلىك دەپ قارايدىغالىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرونمۇ پەلەستىن مەسلىسىدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، سۈرىيەدە بولسا، دائېشتىن كېيىن تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ، سۈرىيە مەسلىسىدە بىر يول خەرىتىسى تۈزۈش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر