بىنالى يىلدىرىم تېررورلۇق مەسلىسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم 2018 – يىلىدا تېررورلۇق مەسلىسىنى تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىن تېخىمۇ تۆۋەن سەۋىيەلەرگە چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

879358
بىنالى يىلدىرىم تېررورلۇق مەسلىسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئامانلىقنى ساقلاش باش مۇدىرلىقى، ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنى زىيايەت قىلدى.

بىنالى يىلدىرىم 2018 – يىلىدا تېررورلۇق مەسلىسىنىڭ تېخىمۇ ئاز تىلغا ئېلىنىدىغان بىر يىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىر ئىشتا ئۇتۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىشىنىش لازىم. بىزنىڭ ساقچى تەشكىلاتىمىز بۇ ئىشتا ئۇتۇققا ئېرىشىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىدۇ ۋە كىچەيۇ – كۈندۈز بۇ كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىمىز تېخىمۇ ئاشماقتا. ماسلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ساقچىلار، ژاندارما، يېزا قوغدۇغۇچىلىرى ۋە ئەسكەرلەر تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتە تارىخىنىڭ ھېچ بىر دەۋرىدە كۆرۈلمىگەن شەكىلدە ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلماقتا. بۇ ئىش نەتىجىگە زور ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە» دېدى. 

  باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم: «ئەگەر بىز بىر - بىرىمىزنى مەلۇمات بىلەن تەمىنلىمىسەك، ئەگەر ئارىمىزدا مۇناسىۋەت جەھەتتە ئۈزۈلۈش داۋاملىشىدىغان بولسا، بۇنىڭ بەدىلىنى پەقەتلا ساقچىلار ئەمەس، پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەمىمىز ئۆتەشكە توغرا كېلىدۇ» دېدى ھەمدە 15 – ئىيۇلدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلەرنى خەيرىلىك دۇئالىرى بىلەن شۇنداقلا غازىلارنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر