20 يېتىم بالىنىڭ يۈزى كۈلدى

ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرى جەمئىيىتى سۈرىيە ۋە تۈركىيەدە 20 مىڭ يېتىم بالىغا قىشىلىق كىيىم-كىچەك تارقىتىپ بەردى.

877612
20  يېتىم بالىنىڭ يۈزى كۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرى جەمئىيىتى 20مىڭ  يېتىم بالىغا قىشلىق كىيىم-كىچەك ياردەم قىلدى.

ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرى جەمئىيىتى  ئىگە-چاقىسىزلارغا ياردەم قىلىش ئىشخانىسى باشلىقى بەشات باشەر تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە ياشاۋاتقان يېتىم بالىلارغا قىشلىق كىيىم-كىچەك تارقىتىپ بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

جەمئىي 20مىڭ يېتىم بالىغا قىشلىق كىيىم-كىچەك تارقىتىپ بەرگەنلىكلىرىنى ئېيتقان باشەر مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ 15ۋىلايىتى بىلەن ئىچكى ئۇرۇشقا سەھنە بولىۋاتقان سۈرىيەنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى يېتىم بالىلارغا قىشلىق كىيىم-كىچەك تارقىتىپ بەردۇق، تۈركىيەدە 6000، سۈرىيەدە تەخمىنەن 14 مىڭ بالىنىڭ قىشلىق كىيىم-كىچىكى بار بولدى.»

ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ تۈركىيەدىكى 75 ۋىلايەتتە 15 مىڭ يېتىم بالىغا ئىگە چىققانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن باشەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدىكى يېتىم بالىلارغا يېمەك-ئىچمەك، مائارىپ ۋە سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ كېلىۋاتىمىز، 2007-يىلدىن بۇيان بۇ پائالىيىتىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق، بىز ساخاۋەتچىلەر سىستېمىسى قۇرۇپ چىقتۇق، ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمىنى يېتىم بالىلارغا مۇۋاپىق شەكىلدە يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر