ھاتاي چېگراسىدا ئونلارچە چەت ئەللىك تۇتۇلدى

ھاتاينىڭ يايلا تېغى ناھىيەسىدە سۈرىيە چېەراسىدىن تۈركىيەگە قانۇنسىز ھالدا ئۆتمەكچى بولغان 22 چەت ئەللىك تۇتۇلدى.

876046
ھاتاي چېگراسىدا ئونلارچە چەت ئەللىك تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 3-چېگرا قوغداش قوماندانلىق مەركىزى خادىملىرىنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان توپراكتۇتان ۋە پۇللۇيازى چېگرا ساقچى پونكىتلىرى تەۋەلىكىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە، تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن كىشىلەرنى بايقىغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، تۇتۇلغان 22 كىشىنىڭ سۈرىيەلىك ئىكەنلىكى ئىنىقلىنىپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئۈچۈن ساقچى پونكىتلىرىغا ئاپىرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر