ئەردوغان: ب د ت نىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلىشى ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئىش

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىگە ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

873444
ئەردوغان: ب د ت نىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلىشى ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان قارار لايىھەسىنىڭ ئومۇمىي كېڭەشتە 9 غا قارشى 128 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنىشىدىن كېيىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە تۈرك، ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇنىڭ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىنىڭ كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىنىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن غەيرىي قانۇنىي ئىكەنلىكى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان بىمەنە قارارىدىن دەرھال ۋاز كېچىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. پەلەسىتن ۋە قۇددۇس داۋاسىنى قوللىغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزۈم ۋە خەلقىم نامىدىن كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇددۇس قارارىنى رەت قىلىش مەزمۇن قىلىنغان قارار لايىھەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە 9 غا قارشى 128 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى. بۇ تارىخىي قارار قۇددۇس ئۈچۈن، پەلەسىتن داۋاسى ئۈچۈن، دۇنياۋى ئادالەت ۋە ۋىجدان ئۈچۈن خەيرلىك بولسۇن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر