يىلدىرىم ئاراكان مۇسۇلمانلىرى بىلەن كۆرۈشتى

باڭلادىشتا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى داۋام قىلىۋاتقان دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم لاگېرلاردا پاناھلىنىۋاتقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

872319
يىلدىرىم ئاراكان مۇسۇلمانلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم باڭلادىش پايتەختى داككادىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار پاناھلىنىۋاتقان «كوكس بازار» شەھىرىدىكى بالۇخالى لاگېرىغا باردى. لاگېردا تۈرك ھەمكارلىقى ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA)، تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD)، تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى، دىيانەت ۋەخپى ۋە ھەر قايسى ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم رايوندىكى ياردەم خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئالدى ۋە تىكانىڭ كوكس بازار سادىر دوختۇرخانىسىغا ھەدىيە قىلغان ئامبولاتورىيە ماشىنىسى ۋە خادىملارنى توشۇش ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى دوختۇرخانا مەسئۇللىرىغا تەقدىم قىلدى.

ئۇ ئۆزىنى چېدىردا ساقلاپ تۇرغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، كۆز يېشى تۆككەن بىر ئاراكانلىق ئايالنىڭ دەردىگە قۇلاق سالدى.

ئۇ ئاراكان مۇسۇلمانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن سېلىنغان سەھرا دوختۇرخانىسىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئۇ لاگېردىكى مۇساپىرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقاتتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاب قىلىپ: «بۇ يەر ئىنسانىيەت يوقالغان بىر جاي، ئىنسانىيەت بۈگۈن ھەرىكەتكە ئۆتمىسە قاچان ئۆتىدۇ؟» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر