باش مىنىستىر  يىلدىرىم باڭلادېشتا زىيارەتتە بولىدۇ

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم باڭلادېش باش مىنىستىرى شەيخ ھاسىنانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن باڭلادېشتا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

869613
باش مىنىستىر  يىلدىرىم باڭلادېشتا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  يىلدىرىم 19 – 20 – دېكابىر كۈنلىرى باڭلادېشتا زىيارەتتە بولىدىكەن ھەمدە پايتەخت داككادا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، زىيارەتتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى  قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇققا ئاساسلىنىدىغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن ھەمدە روھىڭيا كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.

 يىلدىرىم داككادىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن باڭلادېشنىڭ «كوكس بازار» رايونىغا بېرىپ، روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى ياشاۋاتقان لاگېرلارنى زىيارەت قىلىدىكەن ھەمدە مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى، رايوندا تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى،  جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بىلەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن  ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر