ئەنقەرەدە خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى

ئەنقەردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقارنىڭ ساھىبخانلىقىدا خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى.

868807
ئەنقەرەدە خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەردە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقارنىڭ ساھىبخانلىقىدا، ئىراق ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك ئوسمان غانىمى، ئامېرىكا مەركىزىي كۈچلەر قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك جوسېف ۋوتېل ۋە ئامېرىكا ياۋروپا قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك كۇرتىس سكاپاروتتى قاتارلىقلار خەۋپسىزلىك يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، ئارمىيە باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق رايوننىڭ ئومۇمىي خەۋپسىزلىك ۋزىيىتى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە تاشلىنىشى كېرەك بولغان قەدەملەر مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر