ئەمىنە ئەردوغان بەزى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئەمىنە ئەردوغان قۇددۇس مەسلىسى ئۈچۈن چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر پەقۇلئاددە يىغىنى ئۈستىدە توختالدى.

868571
ئەمىنە ئەردوغان بەزى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكلاتى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر پەۋقۇلئاددە يىغىنى دائىرىسىدە تۈركىيەگە كەلگەن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئەمىنە ئەردوغان ئىستانبۇلدا ھۇبەر سارىيىدا، ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتىنىڭ رەپىقسى جوكو ۋىدودو، باڭلادېش پىرېزىدېنتى ئابدۇلھەمىدنىڭ رەپىقىسى رەشىدە خانام ۋە قىزى شورنا ھامىد، مالايشىيا باش مىنىستىرى نەجىپ رەززاقنىڭ رەپىقىسى داتىن سەرى رۇسماھ مانسۇر، لىۋىيە باش مىنىستىرلىق كېڭىشى باشلىقى فەياز مۇستافا ساراجنىڭ رەپىقىسى فاتىمە نادىيە رەفات بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

زىياپەتلىك ئۇچرىشىشتا، ئەمىنە ئەردوغان مېھمانلىرىغا قىسقىچە قارشى ئېلىش نۇتۇقى سۆزلىدى. 

ئەمىنە ئەردوغان قۇددۇس مەسلىسى ئۈچۈن چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر پەقۇلئاددە يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تېلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر