گېنېرال ھۇلۇسى ئاكار ئىراقلىق ۋە ئامېرىكىلىق مەنسەبداشلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ھۇلۇسى ئاكار پەيشەنبە كۈنى ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە ئىراقلىق ۋە ئامېرىكىلىق مەنسەبداشلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.

866290
گېنېرال ھۇلۇسى ئاكار ئىراقلىق ۋە ئامېرىكىلىق مەنسەبداشلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ھۇلۇسى ئاكار پەيشەنبە كۈنى ئىراق ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ئوسمان غەنىمى، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال كۇرتىس ما. سكايپارروتتى ۋە ئامېرىكا مەركەز ئارمىيەسى قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال جوسىف ل. ۋوتېل قاتارلىق گېنېراللارنى پايتەخت ئەنقەرەدە كۈتۈۋالىدۇ.

تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گېنېرال ئاكارنىڭ ساھىبىخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا ئىراق ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ئوسمان غەنىمى، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال كۇرتىس ما. سكايپارروتتى ۋە ئامېرىكا مەركەز ئارمىيەسى قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال جوسىف ل. ۋوتېل قاتارلىق گېنېراللارنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىدا 14-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى بولۇپ بەزى مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا مەركەز ئارمىيەسى ئىشتابى باياناتچىسى ئوفېستىر جون توماسمۇ گېنېرال ۋوتېل بىلەن كۇرتىسنىڭ تۈرك مەنسەبدېشى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بۇ ھەپتە ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئوفېستىر توماس ئىككى گېنېرالنىڭ 14-دېكابىردا ئەنقەرەدە چاقىرىلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، بىراق ئۇلارنىڭ زىيارىتى توغۇرلۇق تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئورتاقلىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر