تۈركىيە: ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارى بىزگە نىسبەتەن ئىناۋەتسىزدۇر

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار قارارى توغرىسىدا بايانات بەردى.

862929
تۈركىيە: ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارى بىزگە نىسبەتەن ئىناۋەتسىزدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ھۆكۈمسىز (ئىناۋەتسىز) ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ترامپنىڭ ئىغۋاگەر قارارى توغرىسىدا تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «قارار بىزگە نىسبەتەن يوقنىڭ ئورنىدىدۇر. ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار مەسئۇلىيەتسىز ۋە قانۇنسىز رەۋىشتىكى باياناتىنى رەت قىلىمىز. پۈتكۈل دۇنيا، خەلقئارا قانۇن ۋە ب د ت ھۆججەتلىرىگە زىت بۇ قارارنى رەت قىلىشى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر