ئەردوغان: «قۇددۇس مۇسۇلمانلارنىڭ قىزىل سىزىقىدۇر»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇددۇسنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قىزىل سىزىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

861726
ئەردوغان: «قۇددۇس مۇسۇلمانلارنىڭ قىزىل سىزىقىدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «مەن قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىمەن» دېگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ھۆرمەتلىك ترامپ! قۇددۇس مۇسۇلمانلارنىڭ قىزىل سىزىقىدۇر. بۇ ھەتتا بىزنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دېپلومتىك مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان دەرىجىگىچە كېتىپ قىلىشى مۇمكىن.  ئامېرىكىنى مەن بۇيەردىن يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرماقچىمەن. بۇنداق  بىرەر قەدەمنى تاشلىشىڭىز قەتئىي بولمايدۇ. ئامېرىكا پۈتۈن مەسىلىلەرنى تۈگۈتۈپ ئەمدى بۇ ئىش قالدىمۇ؟ دائېشقا قارشى كۈرەشنى ئاخىرىلاشتۇرۇپ بولدى – دە، ئەمدىلكتە بۇ ئىشقا يۈزلەندىمۇ؟» دېدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مەسىلىنى ئاخىرىغىچە تەقىپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «ئەگەر شۇنداق بىرەر قەدەم تاشلىنىدىغانلا بولسا، 5 – 10 كۈن ئىچىدىلا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنى دەرھال ئىستانبۇلدا چاقىرىمىز» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر