تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىدىكى قىسىملارنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتمەكتە

سۈرىيە چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقان ھەربىي قىسىملارغا ئەۋەتىلگەن ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەر ھاتاي ۋىلايىتىگە يېتىپ باردى.

861691
تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىدىكى قىسىملارنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان ۋىلايەتلىرىدىكى ھەربىي قىسىملاردىن يولغا چىقىپ ھاتايغا يېتىپ كەلگەن 20 يېقىن ھەربىي ئاپتوموبىل، سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان ھاسسا ۋە قىرىكخان ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىقتى.

ئىگىلىنىشىچە، كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا يۆتكەلگەن ھەربىي لازىمەتلىكلەر سۈرىيە چېگراسىدىكى ھەربىي قىسىملارنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر