ئەردوغان: ھېچكىم ۋەتىنىمىزنى پارچىلىيالايمىز دەپ خام خىيال قىلمىسۇن

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھېچكىمنىڭ تۈركىيەنى پارچىلىيالايمىز دەپ خام خىيال قىلماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتتى.

859913
ئەردوغان: ھېچكىم ۋەتىنىمىزنى پارچىلىيالايمىز دەپ خام خىيال قىلمىسۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قارس 6 – نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك يىغىنى ھارپىسىدا خەلققە خىتاب قىلغاندا، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھېچكىم ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا كۈچى يېتىدىغانلىقىنى خام خىيال قىلمىسۇن. شۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، جۇدى تېغىدا، تۈندۈرەكتە، قەندىلدە F16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمىز ئارقىلىق پ ك ك لىق تېررورسىتلارغا قانداق بومبا ياغدۇرغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ياغدۇرىمىز، بىزگە خىرىس قىلغانلارغا دۆلىتىمىزنىڭ قۇدرىتىنىڭ تەمىنى ئوبدان تېتىتىپ قويىمىز.»

بىر ھەپتە ئىچىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 100 تېررورسىتنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەگەر دۆلىتىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇجۇقتۇرۇلغانلارنىڭ سانى 100 دىن 200 غا، 300 غا، ھەتتا مىڭغا كۆپىيىدۇ. ھېچكىم ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرى، پاراۋانلىقى، تىنچلىقىنى بۇزىمەن دەپ خام خىيال قىلمىسۇن. چۈنكى بىز خەلقىىزنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى، دۆلىتىمىزنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتىمىز. دەرۋەقە، بىز ئەزىز خەلقىمىز ھەم دۆلىتىمىزنى جان تىكىپ قوغدايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر