تۈركىيە باغدادتا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە دائېش تەرىپىدىن باغدادتا سادىر قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

856545
تۈركىيە باغدادتا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلدى، 27 ئادەم يارىلاندى.

ساقچى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باغدادنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان نەھراۋان رايونىدىكى بازاردا ئىككى ئادەم بومبا ئۆزىنى پارتلاتقان، ھۇجۇمدا 11 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، ھۇجۇمدا يارىلانغان 27 ئادەم بولسا ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ياتقۇزۇلغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۈستىگە ئالدى.

تۈركىيە باغدادتا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «دوست ۋە قېرىنداش ئىراق خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە يارىلانغانلارغا شىپا تىلەيمىز. بۇ قانلىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ئىراق تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە مۇئەييەن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان بۇ مەزگىلدە  مەيدانغا كەلگەن بۇ قېتىمقى ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئىراقتا تىنچلىق بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، تۈركىيە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە ئىراق ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر