ئەردوغان ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

855094
ئەردوغان ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى ئارقىلىق فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرونغا، تۈركىيە، رۇسىيە ئىران پىرېزىدېنتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە 22- نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە يىغىنىدا، سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا نېمىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئەردوغان ماكرونغا سۈرىيەدە ب د ت  نازارەتچىلىكى سايىسىدا ئەركىن، ئادىل ۋە پۈتكۈل سۈرىيەلىكلەر بېلەت تاشلىيالايدىغان سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايونلارنىڭ باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تاشلاپ قويۇلماسلىقى بىلەن بىرگە، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر