تۈركىيە نىگېرىيەدىكى جامەگە قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

852500
تۈركىيە نىگېرىيەدىكى جامەگە قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدالارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز، نىگېرىيە ھۆكۈمىتى ۋە نىگېرىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان مۇبى بازىرىدىكى بىر جامەدە مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندىمۇ 50 ئادەم قازا قىلغانىدى.

نىگېرىيە ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 50 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئونلارچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى، بىراق، بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايونىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇملۇق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر