ئەردوغان ماسكنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە سودا – سانائەتچى، توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ بايراقدارى تېسلا موتور گۇرۇھىنىڭ باشلىقى ئېلون ماسكنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

843889
ئەردوغان ماسكنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باش كاتىپ ياردەمچىسى ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئەردوغان بىلەن ماسكنىڭ ئۇچرىشىشىدا تۈركسات 5ئا ۋە 5ب سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىشى، توكلۇق ئاپتوموبىل مەسىلىسى، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە، تېسلا ۋە سپەيس ئېكس (SpaceX) شىركەتلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى شىركەتلەر ئورتاقلىشىپ قىلالايدىغان ئىشلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم قالىن، ئېلون ماسكنىڭ تۈركىيەگە تۈركسات 5ئا-5ب سۈنئىي  ھەمراھلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۈگۈن بۇ دائىرىدە ئايرباس بىلەن بىر كېلىشىم ئىمزالىنىدۇ. ئۇمۇ بۇنىڭ تۆۋەن قانات تەمىنلىگۈچىلىرىنىڭ بىرى. يەنە بىرى ئۆزىنىڭ سپەيس ئېكس شىركىتى. بۇ ھەقتە سۆزلەشتۇق» دېدى.

تۈركسات 5ئا – 5ب سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي سۈنئىي ھەمراھىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش مۇساپىسىگە قەدەم بېسىشتىكى ناھايىتى مۇھىم بىر باسقۇچقا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىبراھىم قالىن، «تۈركسات 6 سۈنئىي ھەمراھىنىمۇ ئۆزىمىزنىڭ تېخنولوگىيەلىك ئىمكانىيىتىگە تايانغان ھالدا پۈتۈنلەي تۈركىيەدە ياساپ چىقىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قالىن، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئاپتوموبىل مەسىلىسى ۋە تېسلا توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيەدە سېلىنغان تېخنولوگىيەلىك سېلىنمىلار، يېقىنقى مەزگىللەردە تاشلانغان قەدەملەر توغرىسىدىمۇ سۆزلەشتۇق. ئېلون مۇسكنىڭ شىركىتى ئەسلىدە ناھايىتى چوڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە شىركىتى. شۇڭا يېڭى ئەۋلاد باتارېيەلەر ، قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى دېگەندەك مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ سۆزلەشتۇق. چوڭ شەھەرلەردىكى قاتناش مەسىلىلىرىنى قانداق ھەل قىلغىلى بولىدۇ، تونېل ئېچىش، قاتناشنىڭ يەر ئاستىغا ئېلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇھاكىمە قىلدۇق. يەنە تېسلا ۋە سپەيس ئېكس شىركەتلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى شىركەتلەرنىڭ بىرلىكتە قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلدى» دېدى.

ماسك ئۇچرىشىشتىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسى جايلاشقان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئىككى سائەت ئىچىدە ئېنستىگرام ئادرېسىغا ئىككى پارچە رەسىم چىقارغان مۇسك، بىرىنچى رەسىمىنىڭ ئاستىغا «ئاتاتۈرك، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى» دەپ يازدى. رەسىم 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

ماسك يەنە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا دائىر  بىر فوتو – سۈرەت ئورتاقلىشىپ، گۈلچەمبىرەك قويغانلىقىنى  بىلدۈردى ۋە ئاتاتۈرك ھەققىدە «ئۈچ سۇنۇق قوۋۇرغا، بىر تۆشۈك ئۆپكە ۋە ئۇ يەنىلا جەڭ قىلدى» دەپ يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر