ئەردوغان بىلەن پۇتىن مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆرۈشتى.

836181
ئەردوغان بىلەن پۇتىن مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى رەھبەر تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە تۈركىيە ئېقىمى لايىھەلىرى بولۇپ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئىككى رەھبەر، تۈركىيە-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغان قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەشكەن.

كۆرۈشۈشتە بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاستانا يىغىنىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

ئىككى رەھبەر يەنە ئىدلىبنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

باياناتتا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىنىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنىمۇ قىزغىن تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر