قايغۇلۇق خەۋەر... بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ۋاننىڭ باشقەلئە ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلار بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

832262
قايغۇلۇق خەۋەر... بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاننىڭ باشقەلئە ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلار بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 1 ئەسكەر شېھىت بولدى، 2 ئەسكەر يېنىك يارىلاندى.

ۋان ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، باشقەلئە ناھىيەسىنىڭ ئەسەنياماچ مەھەللىسى چەت ياقىسىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 1 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 2 ئەسكەرنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى؛ مەزكۇر توقۇنۇشتا، 3 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رايوندا خەلقنىڭ ئامان – ئېسەنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا مەرگەن قورالى، AK-47 تىپلىق پىيادىلەر مىلتىقى، تاپانچا، 3 دانە قول بومبىسى، قول كومپيۇتېرى، يانفون، فوتو – سۈرەت ئاپپاراتى، ئاككۇمۇلياتور ۋە خەرىتە قولغا چۈشۈرۈلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر