ئەردوغان 231 ئادەم ئۆلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا مەيدانغا كېلىپ، 231 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بومبىلىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

827710
ئەردوغان 231 ئادەم ئۆلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھۇجۇمدىن كېيىن سومالى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ئابدۇللاھ فەرماجۇغا تېلېگرامما يوللاپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «سومالىنىڭ مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان بۇ ھۇجۇمنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمەن. تۈركىيە، تېررورىزمغا قارشى سومالى ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش سومالى خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ دائىرىدە، جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى ۋە تېببىي لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەش، بۇنىڭدىن باشقا يارىدارلارنىڭ تۈركىيەدە داۋالىنىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردۇم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خائىنلارچە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىق تىلىدى، سومالى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ سومالى باش مىنىستىرى ھەسەن ئەلى كەريەگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

بۇ جەرياندا، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى ئەھمەت دەمىرجان، سومالىلىق ئەمەلدارلارغا ھەمدەم بولۇش ۋە داۋالاش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلىدىغان يارىدارلارنى يۆتكەش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۈگۈن كېچە سومالىغا بارىدۇ. سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، مىنىستىر دەمىرجاننىڭ سومالىغا قاراپ يولغا چىقىشىدىن ئىلگىرى بىر ھەربىي ئايروپىلان بىلەن كېرەكلىك دورا، تېببىي لازىمەتلىك ۋە كەسپىي دوختۇرلار رايونغا ئەۋەتىلگەن.

مىنىستىرلىق يەنە، ئەتە كەچتە تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈشى كۈتۈلۈۋاتقان 50 يارىدارنى داۋالاش ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان دوختۇرخانىلاردىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى تاماملىدى. جىددىي سەھىيە خىزمەتلىرى باش ئىدارىسىمۇ، سومالىدىكى يارىدارلارنى تۈركىيەگە يۆتكەش ئۈچۈن 16 كىشىلىك ھەيئەت تەشكىللىدى.

سومالى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەلىم – تەربىيە تەتقىقات دوختۇرخانىسىدىمۇ ھۇجۇمدا يارىلانغان 200 كىشى بالنىستقا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر