ۋىزا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن تۈركىيەگە ھەيئەت كېلىدۇ

تۈركىيە ھەيئىتى بىلەن ئامېرىكا ھەيئىتى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.

827681
ۋىزا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن تۈركىيەگە ھەيئەت كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھەيئىتى ۋىزا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كېلىدۇ.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئۆتكەن ھەپتە ۋىزا بېرىشنى ئۆز-ئارا توختىتىپ قويۇشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋىزا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك ھەيئەتلىرى ئەنقەرەدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى ياۋروپا ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوناسان كوخېن (Jonathan Cohen) باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بۈگۈن ئەنقەرەگە كېلىدۇ.

ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن  تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى ئەمەلدارلىرىدىن مۇھتار گۈن باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى ۋىزا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسىدا ئىشلەيدىغان مەتىن توپۇز فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بولۇش ۋە «ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، جاسوسلۇق ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ بۇ يىل 25-سېنتەبىردە تۇتۇلغانىدى.

بۇ ئەھۋالغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نارازىلىق بىلدۈردى. تۈركىيە تاشقى ئىقشلار مىنسىتىرلىقىمۇ مەتىن توپۇز توغرۇلۇق «بۇ شەخس 2017-يىلى 25-سېنتەبىردە تېررورلۇق ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلدى ۋە گۇماندار ئامېرىكا كونسولخانىسىنىڭ رەسمىي خادىمى سۈپىتىدە تىزىملىككە ئىسمى بولمىغىنىدەك، دىپلومات ياكى كونسول سالاھىيىتىمۇ يوق»دېگەن مەزمۇندا بايانات بەردى.

ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى بارلىق دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدا تۈركىيە پۇقرالىرىغا كۆچمەن بولمىغان ۋىزا مۇلازىمەتلىرىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلىشىغا قارىتا، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ «تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق  دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدا ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋىزا مۇلازىمىتى توختىتىپ قويۇلدى»دېگەن مەزمۇندا بايانات بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر