تۈركىيە سومالىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى سادىر قىلغۇچىلارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

827047
تۈركىيە سومالىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى سادىر قىلغۇچىلارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ بېرىلىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈمى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇم توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان  قىلىنغان باياناتتا ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىن-يورۇقلىرىغا سەۋىر ۋە يارىدارلارغا شىپا تىلەندى.

باياناتتا يەنە بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ سومالىدا مۇقىملىق ۋە تىنچلىق بەرپا قىلىش يولىدا زور خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە سادىر بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، سومالى خەلقى بىلەن سومالى ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر