ئەردوغان: ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى بەزى كونسۇلخانىلىرىدا «جاسۇسلار» بار.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى بەزى كونسۇلخانىلىرىدا «جاسۇسلار» نىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

826107
ئەردوغان: ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى بەزى كونسۇلخانىلىرىدا «جاسۇسلار» بار.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان سېربىيەدىكى زىيارىتىدىن قايتىشىدا كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا كىرىزىسىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى جون باس ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى بەزى كونسۇلخانىلىرىدا جاسۇسلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ بەزى كونسۇلخانىلىرىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى بولغان جاسۇسلار بار بولۇپ، ئۇلار دىپلومات ئەمەس، ئەكسىچە جاسۇستۇر. بۇنداق جاسۇسلار ئەنقەرەدىمۇ بار. بۇ جاسۇسلارنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەنمۇ قويۇق ئالاقىسى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت بولۇپ، بۇ ھەممىگە بەش قولدەك ئايان. دەرۋەقە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بولغان باش جاسۇسمۇ پېنسىلۋانىيەدە ياشىماقتا.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللىرسۇننىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا ۋىزا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كومىتېت تەشكىل قىلىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پىلان لايىھەسىنىڭ ئەۋەتىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «س – 400» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئېلىشقا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە ھېچقانداق قىيىن ئۆتكەل يوق. دەسلەپكى قەدەمدە ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش پىلانىمىز يوق. خۇدايىم بۇيرۇسا، ئىككىنچى باسقۇچتىن ئېتىبارەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورتاق ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايمىز. پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىمىزدا ئىشنى <س – 400> تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەنلا تاماملاش پىلانىمىز يوق. چۈنكى ئۇچرىشىشلىرىمىزدا، <س – 500> تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر