تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئىدلىبتىكى كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇش خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى
تۈركىيە ئەسكەرلىرى تۈنۈگۈندىن باشلاپ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىنى باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، «ئاستانا مۇساپىسى دائىرىسىدە، ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، كۆزىتىش ۋە ئىزچىللىقىنى ساقلاش، ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ موھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىشى شۇنداقلا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشىغا مۇۋاپىق شەرت – شارائىت تەييارلاش مەقسىتىدە، ئىدلىب سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان تۈرك ئەسكەرلىرى، 2017 – يىلى 8 – ئۆكتەبىردە باشلىغان چارلاش خىزمەتلىرى بىلەن ماس ھالدا، 2017 – يىلى 12 - ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رايوندىكى ۋەزىپىلىرىنى ئاستانا يىغىنىدا كاپالەتچى دۆلەتلەر ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان بەلگىلىمىلەر دائىرىسىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.