دۇنيانىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرى TRT World نىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىستانبۇلدا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ

ئىستانبۇل، دۇنيانىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ناھايىتى چوڭ بىر يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

826047
دۇنيانىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرى TRT World نىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىستانبۇلدا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل، 18 – ئۆكتەبىردە تۈركىيەنىڭ ئىنگلىزچە ساداسى TRT World قانىلى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دۇنيانىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ناھايىتى چوڭ بىر يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ؛ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزلەيدۇ.

TRT World نىڭ مەدەنىيەت، سىياسەت، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە ئىزدەش مەقسىتىدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزىدىغان « TRT Worldمۇنبىرى»، دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەللىرىدىن كېلىدىغان 400 گە يېقىن سىياسەتچى، سودا – سانائەتچى، تەتقىقاتچى، پائالىيەتچى ۋە ژۇرنالىستلارنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش پىلانلىنىۋاتقان يىغىن، «ئېنىقسىزلىق دەۋرىدە ئۆزگىرىشكە ئىلھام بولۇش» دېگەن تېما ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«TRT Worldمۇنبىرى» دا سۆزلەيدىغانلارنىڭ ئارىسىدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىسپانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى جوزې لۇئىس رودرىگۇئېز زاپاتېرو، مالكوم ئېكسنىڭ نىڭ قىزى پائالىيەتچى ئىلياساھ شاباز، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، جەنۇبىي ئافرىقا تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ئولىۋې دلامىنى، ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن ۋە رۇسى باش دىرېكتورى كارىن ۋون ھىپپېل قاتارلىقلارمۇ بار.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېتىقاد ۋە توپلۇقلارغا مەسئۇل مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن دۆلىتىنىڭ غەززە سىياسىتى سەۋەبلىك ئىستېپا بەرگەن، ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان ئايال مىنىستىرى بارونېس سائىدە ۋارسىمۇ يىغىندا سۆز قىلىدۇ.

نۆۋەتتىكى ساقلىنىۋاتقان سىياسىي مەسىلىلەر ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بەس – مۇنازىرىلەرنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالىدىغان يىغىنىدا، چەت ئەللىك دۈشمەنلىكى ۋە ئىسلاموفوبىيا، ئىنسانپەرۋەر ياردەم، خەلقئارا سىستېما باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كىرىزىس ۋە ئۇنىڭ چىقىش يوللىرى دېگەن تېمىلار مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

18 – ئۆكتەبىر كەچتە «TRT World Citizen»  لايىھەسى بىلەن  TRT Worldنىڭ ئىنسانىي كىرىزىسلەرگە قارىتا سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە قۇرغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، لايىھەنىڭ تېمىسى «يوقاپ كەتكەن مۇساپىر بالىلار» ئىكەن.

يىغىندا مۇساپىرلار مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەندىن سىرت، بۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆججەتلىك فىلىملەرمۇ تەييارلىنىدىكەن.

 TRT Worldخەۋەرلەر كوردىناتورى فاتىھ ئەر بۇ ھەقتەپ توختىلىپ، «بىز خەۋەر مەركىزى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئورگان ئەتكەسچىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن بالىلارغا ئالاقىدار بىر ھۆججەتلىك فىلىم تەييارلايمىز، ئۇنىمۇ پات يېقىندا تارقىتىمىز، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتكە ئالاقىدار پىلان – لايىھەلىرىمىز داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

« TRT Worldمۇنبىرى» ۋە ئىشتىراكچىلارغا ئالاقىدار تەپسىلىي مەلۇماتلارغا forum.trtworld.com ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر