تېررور كارىدورىغا تۆك زەربە بېرىش ھەرىكىتى

تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررور كارىدورى شەكىللەندۈرۈش ئويۇنىغا قارشى يۈرگۈزىدىغان ئۇزۇن مەزگىللىك ھەربىي پىلانىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

825839
تېررور كارىدورىغا تۆك زەربە بېرىش ھەرىكىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتاي – رەيھانلى چېگرا ئېغىزىدىن باشلامچى قىسىملار سۈپىتىدە ئىدلىبقا كىرگەن ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۇنجى يېتىپ بارىدىغان يېرى ئىدلىبنىڭ شىمالىدىكى دار تا ئىززە بولىدۇ. ھەرىكەت پىلانىدىكى تۇنجى نىشان بولغان ئىدلىبتىكى تېررورچىلارنى تازىلاش مەقسەتلىك «سۈپۈرۈش ھەرىكىتى» گە بۇ يەردىن  قوماندانلىق قىلىنىدۇ. ئىدلىبنىڭ تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئىدلىب – دار تا ئىززە لىنىيەسى، شەكىللەندۈرۈلۈشى پىلانلانغان «ئۆتۈش كارىدورى» نىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولىدۇ. ھەرىكەتنىڭ ئىككىنچى قەدىمى، ئۆتۈش كارىدورىنى فىرات قالقىنى رايونىغا تۇتاشتۇرۇش ھەرىكىتى بولىدۇ.  «ي پ گ نى بوغۇش ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئافرىننىڭ جەنۇبىدىكى جىندەرىسى بىلەن ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى ئەرەب نوپۇسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تەل رىفات ناھىيەسى تېررروچى ئۇنسۇرلاردىن خالىيلاشتۇرۇلۇپ، بىخەتەر رايونغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر