چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللىرسۇن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

825722
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا كىرىزىسى، قوراللىق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇتۇش جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى خادىمى مەتىن توپۇز مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

مەتىن توپۇزنىڭ سوتلىنىۋاتقان ۋە تەكشۈرۈلۈۋاتقان بەزى سابىق جامائت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋە ئەدلىيە مەھكىمىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسى تېررورىزم ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسى تەرىپىدىن «ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش، جاسۇسلۇق قىلىش ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانىدى.

ئارقىدىنلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نارازىلىق بىلدۈرگەن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەرگەنىدى: «2017 – يىلى 25 – سېنتەبىر كۈنى تېررورلۇق جىنايەتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان مەتىن توپۇز ھەم ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ رەسمىي خادىمى ئەمەس ھمە دىپلوماتىك ۋە باشقا كونسۇلخانا خادىملىرىغا ئوخشاش قوغدىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس.»

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئامېرىكا تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختاتقان، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىخانىسىمۇ بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇرغانىدى: «ئامېرىكىدىكى بارلىق ۋاكالەتخانىلىرىمىز ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختاتتق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر