تۈركىيە ئەسكەرلىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە كىردى

تۈركىيە ئەسكەرلىرى سۈرىيە چېگراسىدىن ئۆتۈپ، ئىدلىب شەھىرىگە كىردى.

823091
تۈركىيە ئەسكەرلىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش مەقسىتىدە كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرىدىن تەشكىل تاپقان «سۈركىلىشنى ئازايتىش ۋە كونترول قىلىش قىسىملىرى» سېپىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىدلىبقا كىرگەنلىكىنى ۋە رايوندا ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن 8 – ئۆكتەبىردىن تارتىپ چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ۋەزىپىسىنى ئاستانا يىغىنىدا كاپالەتچى دۆلەتلەر كېلىشىم ھاسىل قىلغان بەلگىلىمىلەردە كۆرسىتىلگىنى بويىچە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر