تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ئاقار ئىراندا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە – ئىران ھەمكارلىقىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

819925
تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ئاقار ئىراندا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ ئىران مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاممىۋىي مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسىنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقارنىڭ تېھران زىيارىتى دائىرىسىدە ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى خاتەمى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مىنىستىر خاتەمى ئۇچرىشىشتا، ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ تارىخىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت رىشتىسىگە ئىگە ئىككى مىللەت ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، «تۈركىيە، مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك نۇقتىسىدىن ئىران تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە» دېدى.

ئۇ، غەربلىك كۈچلەرنىڭ رايوننىڭ دائېشتىن كېيىنكى باسقۇچى ئۈچۈن يېڭى سېنارىيەلەرنى تەييارلاۋاتقانلىقىنى «بىراق، ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ رايوننىڭ ئىككى مۇھىم ۋە كۈچلۈك دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يېڭى سېنارىيەلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا يول قويمايدىغانلىقى» نى قەيت قىلدى.

ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى خاتەمى، ئىراننىڭ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى ئاساس قىلىدىغان سىياسىتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئىران، تۈركىيە ۋە ئىراقنىڭ بىرلىكتە تۇرۇشى رايوننىڭ ئامانلىق ۋە مۇقىملىقى بىلەن بىرگە، بۆلۈنۈش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى پائال رول ئوينايدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن مىنىستىر خاتەمى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ كېڭەيتىلىشىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقارمۇ تۈركىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد باقىرىنىڭ زىيارىتى سايىسىدا يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ رايوننىڭ ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ «ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى» نى ساقلاپ قېلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئاقار، دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك چېگرالىرىدا كۆرۈلگەن ھەرقانداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، تۈركىيە، ئىران ۋە ئىراقنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز رەۋىشتە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە بىلدۈرگەن ئورتاق نارازىلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، رايوندىكى شەرت – شارائىت ئۆزگەرگەن تەقدىردە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ساھەلەر بويىچە ئېمبارگولارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار ئىراندىكى زىيارەتلىرى دائىرىسىدە، ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى باقىرى، ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشى باش كاتىپى ئەلى شەمھانى ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن روھانىي قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر