شىرناقتا بىر ئەسكەر بىلەن بىر ئامانلىق قوغدىغۇچىسى شېىھت بولدى
پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى، شىرناق – جىزرە يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاۋاتقان ئەسكەر ۋە مۇھاپىزەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلدى.
818354
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شىرناق – جىزرە يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاۋاتقان ئەسكەر ۋە مۇھاپىزەتچىلەرگە قىلغان ھۇجۇمىدا، 1 ئەسكەر بىلەن 1 مۇھاپىزەتچى شېھىت بولدى، 4 مۇھاپىزەتچى يارىلاندى.
خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، تېررورچىلار، قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان شىرناق – جىزرە تاش يولىنىڭ ئىكىزجە رايونىدا يول بىخەتەرلىكىنى ساقلاۋاتقان ئەسكەر ۋە مۇھاپىزەتچىلەرگە ئۇزۇن مۇساپىلىك قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان؛ ۋەقەدە 1 ئەسكەر بىلەن 1 مۇھاپىزەتچى شېھىت بولغان، يارىلانغان 4 خەۋپسىزلىك ئامانلىق ساقلىغۇچى بالنىستقا ئېلىنغان.
خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ھۇجۇمدىن كېيىن قېچىپ كەتكەن تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوزغىدى.