تۈركىيە – گىرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تۈركىيە – گىرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

816837
تۈركىيە – گىرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گىرۇزىيە جەنۇبىي كاۋكازىيە رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تۈركىيە – گىرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

گىرۇزىيە، جەنۇبىي كاۋكازىيە دۆلەتلىرى ئارىسىدا ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن دۆلەت. گىرۇزىيە، 2009 – يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۈچ شەرقىي ياۋروپا دۆلىتى (ئۇكرائىنا، مولدوۋا، بېلارۇسىيە) بىلەن ئۈچ جەنۇبىي كاۋكازىيە دۆلىتى (گىرۇزىيە، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە) نى نىشان قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرق شېرىكچىلىكى لايىھەسى ئىچىدىن ئورۇن ئالماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرق شېرىكچىلىكى لايىھەسى، مەزكۇر دۆلەتلەرنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا شېرىكچىلىك ئورنىتىشنى، ئەركىن سودا ۋە ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىملىرىنى ئىمزالاشنى مەزمۇن قىلىدۇ. شېرىكچىلىك ئورنىتىش كېلىشىمى 2014 – يىلى بىريۇسسېلدا ئىمزالىنىپ، 2016 – يىلى ئىيۇلدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. گىرۇزىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا ۋىزا كەچۈرۈمىنىڭ پات ئارىدا يولغا قويۇلۇشى كۈتۈلمەكتە.

تۈركىيە – گىرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرى گىرۇزىيە مۇستەقىللىقكە ئېرىشكەندىن بۇيان بارلىق ساھەلەر بويىچە راۋاجلاندى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەر خىل ساھەلەر بويىچە كۆپلىگەن كېلىشىملەر ئىمزالاندى. تۈركىيە، گىرۇزىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى 1991 – يىلى 16 – دېكابىردا ئېتىراپ قىلدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېلىشىمى بولسا، 1992 – يىلى 21 – مايدا ئىمزالاندى ۋە ئۆزئارا ئەلچىخانىلار ئېچىلدى. بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەنىڭ باتۇمدا، گىرۇزىيەنىڭ بولسا، ئىستانبۇل ۋە ترابزوندا كونسۇلخانلىرى بار.

تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەدە؛ تۈركىيە 2007 – يىلىدىن بۇيان گىرۇزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ كەلمەكتە. گىرۇزىيەگە بىۋاسىتە مەبلەغ سالغان دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ تۈركىيە بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالماقتا. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 2011 – يىلىنىڭ ئاخىرقى ئېيىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى بىر – بىرلىرىنىڭ دۆلەتلىرىگە پەقەت كىملىكلىرى بىلەنلا بېرىپ كېلەلەيدۇ. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مۇنتىزىم ھالدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر زىيارەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى مېخانىزمى قۇرۇلدى. تۇنجى نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى مېخانىزمى يىغىنى 2016 – يىلى – 19 – ئىيۇلدا ئەنقەرەدە، ئىككىنچى قېتىملىقى بولسا، 2017 – يىلى 23 – مايدا تىفلىستە ئۆتكۈزۈلدى.

ئەزەربەيجان بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلغان تۈركىيە – ئەزەربەيجان – گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرى مېخانىزمى، رايوننىڭ تىنچلىق ۋە باياشاتلىقىغا ھەسسە قوشىدىغان مۇھىم بىر قۇرۇلما. بۇنىڭدىن باشقا مۇداپىئە، ئىقتىساد، قاتناش مىنىستىرلىرى، ئارمىيە قوماندانلىرى، پارلامېنت تاشقى ئىشلار كومىتېتلىرى باشلىقلىرى ۋە سودا – ئىقتىساد مۇنبەرلىرى ئارىسىدىمۇ ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەم ئىككى تەرەپ، ھەم رايونغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. گىرۇزىيە ھەم ئېنېرگىيەنىڭ تۈركىيە ۋە غەرب بازارلىرىغا يۆتكىلىشى، ھەم ئەزەربەيجان، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى قاتناش تۈگۈنلىرى نۇقتىسىدىن ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى مۇھىم دۆلەت. يەنە بىر تەرەپتە، تۈركىيەمۇ گىرۇزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى. بۇ دائىرىدە، تۈركىيە، گىرۇزىيە ۋە ئەزەربەيجان ئارىسىدا ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەسى قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەر بويىچە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى مەۋجۇت. باكۇ – تىفلىس – جەيھان نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە باكۇ – تىفلىس – ئەرزۇرۇم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى بىلەن باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ كونكرېت ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە گىرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گىرۇزىيەنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغىمۇ ياردەم قولىنى سۇنۇشقا تىرىشماقتا. گىرۇزىيە خەلقى ئۈچۈن ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسېتيا ناھايىتى مۇھىم ئىككى رايون. بىراق، 2008 – يىلى يۈز بەرگەن گىرۇزىيە – رۇسىيە ئۇرۇشىدا رۇسىيە غەلىبە قىلدى. ئارقىدىن مەزكۇر ئىككى رايوننىڭ مۇستەقىللىقى رۇسىيە تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى ۋە ھەربىي كېلىشىملەرنى تۈزۈپ كاپالەت ئاستىغا ئالدى. رۇسىيەنىڭ ئىككى تەرەپ كېلىشىملىرىگە ئاساسەن قۇرغان ھەربىي بازىلىرى، بۆلگۈنچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ رايون سەھنىسىدە قانۇنىيلىققا ئىگە بولۇشلىرىغا سەۋەب بولدى. گىرۇزىيە ئەمەلىي جەھەتتىن مۇستەقىل ئابخازىيەنىڭ بۇ سالاھىيىتىنى يېقىن كېلەچەكتە ئۆزگەرتىش كۈچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىپ، خەلقئارا سەھنىدە بەس – مۇنازىرە قوزغاپ، ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشماقتا. جەنۇبىي ئوسېتيا مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىمۇ ئوخشاش. بىراق، رۇسىيەنىڭ 2016 – يىلى دېكابىردا «ئابخازىيە بىلەن ئوسېتيانىڭ دېموكراتىك دۆلەت سۈپىتىدە گۈللنىشىنى قوللاپ -  قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى» توغرىسىدىكى باياناتى بۇنىڭ ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گىرۇزىيەدىكى مەۋجۇت ھۆكۈمەت، مەيلى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر، مەيلى ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتيا مەسىلىلىرىدە بولسۇن، يۇمشاق پوزىتسىيە تۇتۇش يولىنى تاللىدى ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشى يولىدا قەدەملەرنى تاشلىدى. بىراق، قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىشى ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن رۇسىيەنىڭ ئابخازىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى ئىمزالىشى، گىرۇزىيەنىڭ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتياغا ئالاقىدار قايغۇسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

تۈركىيە، گىرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدۇ. ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسېتيانىڭ ئاتالمىش مۇستەقىللىقلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە بۇ چۈشىنىشمەسلىكلەرنىڭ گىرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى شۇنداقلا ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدە تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. تۈركىيە، گىرۇزىيەنىڭ ياۋروپا – ئاتلانتىك ئورگانلىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىش تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ قوللايدۇ.

تۈركىيە – گىرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىنى ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئانا ۋەتەنلىرىگە قايتىش مۇساپىسى تەشكىل قىلىدۇ. تۈركىيە بۇ مەسىلىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە ۋە گىرۇزىيەنىڭ 1999 – يىلى ياۋروپا كېڭىشىگە ئەزا بولغاندا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرى دائىرىسىدە، ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئانا يۇرتلىرى بولغان ئاھىسكاغا قايتىشلىرىنىڭ ئالدىدىكى بارلىق توسۇقلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. گىرۇزىيەنىڭ بۇ يولدا تاشلايدىغان قەدەملىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى بالداقلارغا كۆتۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر