تۈركىيە شىمالىي ئىراق توغرىسىدا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى

تۈركىيە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئەربىل، دوھۇك ۋە سۇلايمانىييە قاتارلىق ئۈچ شەھەر توغرىسىدا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى.

815853
تۈركىيە شىمالىي ئىراق توغرىسىدا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، قانۇنسىز رەۋىشتە مۇستەقىللىق مەسىلىسى بويىچە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئەربىل، دوھۇك ۋە سۇلايمانىييە قاتارلىق ئۈچ شەھەر توغرىسىدا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن قانۇنسىز بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، دوھۇك، ئەربىل ۋە سۇلايمانىييەگە بېرىشنى پىلانلاۋاتقان ياكى بۇ ۋىلايەتلەردە تۇرۇۋاتقان پۇقرالارغا قارىتا بۇنىڭدىن ئىلگىرى چىقىرىلغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى بارلىق چېگرا ئېغىزلىرى ۋە ئايرودۇرۇملارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا ئاساسەن تەكرارلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى كونسۇلخانىسى، تۈركىيەدىن ئەربىل ۋە سۇلايمانىييە شەھەرلىرىگە كېلىپ - كېتىدىغان ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ جۈمە كۈنىدىن باشلاپ توختىتىپ قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. كونسۇلخانىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى، ئاتلاس گلوبال ۋە پېگاسۇس قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ دۆلىتىمىزدىن ئەربىل ۋە سۇلايمانىييەگە قاتنايدىغان ئايروپىلانلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ توختايدۇ» دېيىلدى.

بۇ جەرياندا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى بىلەن تۈنۈگۈن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا پىكىرى ئالماشتۇردى. ئىككى باش مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر