پۈتىن بۈگۈن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۈگۈن (پەيشەنبە) تۈركىيەگە كېلىپ، ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدۇ.

815907
پۈتىن بۈگۈن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا بېكىتىلگەن «سۈرىيەدىكى توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى» مەسىلىسى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا پىكىرى ئالماشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى سەزگۈر تېما، ھەلەبتىن قاچقان پۇقرالار تۇرۇۋاتقان ئىدلىب مەسىلىسى بولىدۇ.

ئۇچرىشىشتا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن قانۇنسىز ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؛ رۇسىيەمۇ مەزكۇر بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

رۇسىيەدىن ئىككى يىل ئىچىدە سېتىۋېلىنىشى پىلانلىنىۋاتقانS-400  ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى مەسىلىلىرىمۇ ئىككى رەھبەرنىڭ بۈگۈنكى سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر