بۆلگۈنچى تېررورىستلار ئۇجۇقتۇرۇلدى
ھاققارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە 4 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.
812012
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاققارى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىنىڭ ئىكىياقا يېزىسىنىڭ مەزرۇق رايونىدىكى «بوران – چاپقۇن» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتە پ ك ك لىق 4 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل، مەتىنا ۋە گارا رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە پ ك ك لاگېرلىرى، قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا ئىسكىلاتلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن. ھاۋا ھۇجۇملىرىغا قاتناشقان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغاندىن كېيىن بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتقان.