تۈركىيە شىمالىي ئىراققا ئېچىلىدىغان ھابۇر چېگرا ئېغىزى بويىدا مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە، پۈتكۈل ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي، 25 – سېنتەبىردە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇش ماھىيىتىدە مۇھىم بىر قەدەم تاشلىدى.

808875
تۈركىيە شىمالىي ئىراققا ئېچىلىدىغان ھابۇر چېگرا ئېغىزى بويىدا مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراققا ئېچىلىدىغان ھابۇر چېگرا ئېغىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىرناق شەھىرىنىڭ سىلوپى رايونىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ھابۇر چېگرا ئېغىزى، ئىراقنىڭ شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئەربىل شەھىرىگە ئېچىلىدۇ.

ھابۇر چېگرا ئېغىزى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەركىن نەپەس ئېلىشى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، سىلوپى – ھابۇر رايونىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يېقىنقى بىر ھەپتىلىك تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 29 ى ئۆلۈك، 11ى تەسلىم، 6 سى تىرىك بولۇپ، جەمئىي 46 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ دائىرىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دۆلەت خەۋپسىزلىك يىغىنىنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش پىكىرىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ئالدىغا سۈرۈلۈپ، 22 – سېنتەبىردە چاقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر