چاۋۇشئوغلۇ: ئەنقەرە ياۋروپا – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس بولۇشىنى خالىمايدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەنىڭ ياۋروپا – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

807848
چاۋۇشئوغلۇ: ئەنقەرە ياۋروپا – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس بولۇشىنى خالىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن يىۋېس لې درىئان بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا بىر يەرگە جەم بولغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، فىرانسىيە – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىي دىيالوگدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مېھمان مىنىستىر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدا ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سېلىنمىلارنى يەنىمۇ كۆپەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى ۋە ياۋروپا قىتئەسىگە قارىتا ھېچقانداق يامان نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ: «چۈنكى ياۋروپانىڭ مۇسىبىتى بىزنىڭمۇ مۇسىبىتىمىز، ياۋروپانىڭ مۇقىملىقى بىزنىڭمۇ بىخەتەرلىكىمىز ھەم مۇقىملىقىمىز ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئەنقەرە ياۋروپا – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر بىرەر كىرىزىسنىڭ بولۇشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ. تۈركىيە بېسىملار ۋە قوش ئۆلچەملەرگە باش ئېگىدىغان بىر دۆلەتمۇ ئەمەس، جۈملىدىن تۈركىيە خەلقىمۇ شۇنداق. بىز ئۇزۇندىن بۇيان ياۋروپاغا بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. بىز ياۋروپاغا شۇنداق خىتاب قىلىۋاتىمىزكى، سىلەر بىزگە قارشى پوزىتسىيەڭلارنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرسىلەر. بىزنى ھوقۇقتا باراۋەر شېرىك دەپ قارىمىغىڭلار تەقدىردە، ئۆلچەملەر ۋە باشقا مەسىلىلەردىكى ئوخشىماسلىقلارغا قارىماي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى مۇستەھكەملىيەلىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»

مېھمان مىنىستىر لې درىئان كېيىنچە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر