تۈركىيە شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىردە مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشىنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

806616
تۈركىيە شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «ئىراق ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قارارىغا يۇقىرى باھا بېرىمىز. ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىكىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. (بۇ خاتا) پوزىتسىيەدىن ۋاز كېچىلىشى لازىم.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسى يۆنىلىشتىكى پۈتكۈل دوستانە تەۋسيەلىرىگە قارىماي، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش پىكرىدە چىڭ تۇرۇشىنىڭ چوقۇم تۆلەيدىغان بىر بەدىلى بولىدىغانلىقىنى نەزەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمىز.» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر