تۈركىيە ھەربىي پاراخوتى گىرېتسىيە سودا پاراخوتىغا ياردەم قىلدى

ھىندى ئوكياندا دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان گىرەسۇن ھەربىي پاراخوتى گىرېتسىيەنىڭ سودا پاراخوتىغا ياردەم قىلدى.

803228
تۈركىيە ھەربىي پاراخوتى گىرېتسىيە سودا پاراخوتىغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە سودا پاراخوتى ھىندى ئوكياندا ياردەمگە چاقىردى. ئەدەن بوغۇزىدا دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى كۈرەش قىلىش دائىرەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گىرەسۇن ھەربىي پاراخوتى چاقىرىقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى.

گىرەسۇن ھەربىي پاراخوتىنىڭ تىك ئۇچارى ھادىسىگە ئۇچراپ سول قولىنىڭ باش بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن گىرېتسىيە سودا پاراخوتىنىڭ خادىمى ۋازويىس ماركوسنى ئۇمماننىڭ سالالاھ شەھىرىگە يۆتكىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر