يېقىنقى بىر ھەپتىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

797822
يېقىنقى بىر ھەپتىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدىكى يېقىنقى بىر ھەپتىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، 34 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، 22 تېررورچى ئۆلدى، ئىككىسى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى، 10 تېررورچى تەسلىم بولدى. يەنە، 28 دانە قورال، كۆپ ساندا قول بومبىسى ۋە خېلى كۆپ مىقداردا پارتلاتقۇچ قولغا چۈشۈرۈلدى.

21 – ئاۋغۇستتىن 28 – ئاۋغۇستقىچە بولغان جەرياندىكى مەزكۇر ھەرىكەتلەردە يەنە، 2849 كىشى تەكشۈرۈلدى.

ئىنتېرنېت ئارقىلىق تېررورلۇق تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئالاقىدار خىزمەتلەرمۇ داۋام قىلماقتا؛ جامائەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، 679 ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، ئېنىقلاپ بېكىتىلگەن 242 كىشىنىڭ ئالتىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر