ئەردوغان ئەجدادلار كىملەرگە قارشى كۈرەش قىلغان بولسا، ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇشتا ئۆتكۈزۈلگەن «مالازگىرت 1071» نى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا سۆز قىلدى.

797225
ئەردوغان ئەجدادلار كىملەرگە قارشى كۈرەش قىلغان بولسا، ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇشتا ئۆتكۈزۈلگەن ئانادولۇ پەتھى قىلىنغان «مالازگىرت 1071» نى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا سۆز قىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر پىچكا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «سۇلتان ئالپ ئارسلان، سۇلتان قىلىچ ئارسلان كىملەرگە قارشى كۈرەش قىلغان بولسا، بىزمۇ 15 – ئىيۇلدا ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلدۇق. ئىيۇلدا ئوسمان غازى، فاتىھ سۇلتان مەھمەتخان، ئابدۇلھەمىدى سانى خان كىملەرگە قارشى كۈرەش قىلغان بولسا، غازى مۇستاپا كەمال كىملەرگە قارشى كۈرەش قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«ئوخشاش ئويۇن، ئوخشاش نىشان؛ پەقەت سېنارىيە ۋە ئارتىسلار پەرقلىق. بۇ ئويۇندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىر پىچكىدۇر. پ ك ك، ي پ گ، پ ي د، دائېش ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىر پىچكىدۇر» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ھەممىسى نەزىرى ۋەتىنىمىزگە تىكىلگەن كۈچلەر پايدىلىنىۋاتقان پىچكىلاردۇر. بىزنىڭ كۈرىشىمىز پەقەت پىچكىلارغىلا ئەمەس، ئۇلاردىن پايدىلىنىۋاتقانلارغا قارشى كۈرەشتۇر» دېدى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تارىخ بويىچە ئانادولۇ ئىزچىل ھالدا پۈتكۈل دۇنياغا بەدەل بولغان كۈچتۇر. سۇلتان ئالپئارسلان مالازگىرتتا كىيگەن كېپەن، بۇ مىللەتكە رەھبەرلىك قىلغان بارلىق كىشىلەرنىڭ يەلكىسىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر