يىلدىرىم: تۈركىيە ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدۇ

ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيەنىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

795760
يىلدىرىم: تۈركىيە ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيەنىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئالتىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە قېتىلىش ۋە بۇ رايوندىكى تەرەققىيات دولقۇنى ئىچىدىن ئورۇن ئېلىش نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى.

ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيە – ۋىيېتنام سودا مۇنبىرىدە سوز قىلىپ، ئىككى دۆلەت سودا – سانائەتچىلىرىنىڭ قويۇق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ بېقىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ سودا – سانائەتچىلەرنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش، ئۇلارنى يولىنى داغداملاشتۇرۇش، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سىرتقا ئوچۇق ۋە ئەركىن ئىقتىساد ئېڭى بىلەن دۇنيا سىستېمىسىدا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان دۆلىتىمىز، پەقەت رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭلا ئەمەس، دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغىمۇ پائال ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىمىز ۋە بۇنىڭ بىلەن ۋىيېتنامنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 600 مىليون نوپۇسقا ئىگە دۇنيانىڭ 6 – چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە قېتىلىش ۋە بۇ رايوندىكى تەرەققىيات دولقۇنى ئىچىدىن ئورۇن ئېلىش نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. دۆلىتىمىز يىراق شەرق، ئومۇمەن ئاسىيا بازىرىدا سودا ۋە ئىقتىسادىي پائاللىقىنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ ۋىيېتنامغا ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى بىر دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە بۇنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، ئالدى پىلاندىكى ئىشلىرىمىز قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر