تۈركىيە ئامېرىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى ماتتىسقا ئوچۇق - ئاشكارا بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىسنى قوبۇل قىلدى.

795647
تۈركىيە ئامېرىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى ماتتىسقا ئوچۇق - ئاشكارا بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىسنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭغا تۈركىيەنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ غا ياردەم قىلىنىشىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ماتتىسنىڭ ئۇچرىشىشىدا، پ ك ك، دائېش دېگەندەك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى، شۇنداقلا ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى دېگەندەك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى پ ي د / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىشىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، سۈرىيەنىڭ دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان ئاھالىلەر رايونلىرىدا ھوقۇقنىڭ يەرلىك خەلقكە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، سۈرىيەدە توقۇنۇشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايون شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرىغا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىنىڭمۇ خاتا تاشلانغان بىر قەدەم بولىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى.

ئۇچرىشىشتا، ئىراقنىڭ قاندىل ۋە سىنجار رايونلىرىدىكى پ ك ك ئۇنسۇرلىرىغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش، مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى؛ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكى ۋە ناتودىكى ئىككى مۇھىم ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنىڭمۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر