تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى 31 دۆلەتتە قۇربانلىق قىلىشنى پىلانلىماقتا

تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى، قۇربان ھېيتتا ئۈچ قىتئەدىكى 31 دۆلەتتە 60 مىڭ كىشىگە قۇربانلىق قىلىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا.

793281
تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى 31 دۆلەتتە قۇربانلىق قىلىشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى باشلىقى كەرەم قىنىق، تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ ھەر يىلقىغا ئوخشاشلا بۇ يىلقى قۇربان ھېيتىدىمۇ <قىزىل ئاي جەمئىيىتى قۇربانلىق ئۇسۇلى> بىلەن ۋاكالىتەن قۇربانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قۇربان ھېيتىنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن كەرەم قىنىق، «بىز تاللىغان چەت دۆلەتلەر ئاساسەن ئاچارچىلىق، قۇرغاقچىلىق ۋە ئۇرۇش تۈپەيلى موھتاج ھالغا چۈشۈپ قالغان جايلاردۇر. پىداكارلىرىمىزنىڭ قۇربانلىقلىرى مەزكۇر رايونلاردىكى موھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ» دېدى.

كەرەم قىنىق، ئۇرۇش قۇربانى سۈرىيەلىكلەرنى بولسا، 7 يىلدىن بۇيان قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ، تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئارقىلىق سۈرىيەلىكلەرگە يوللانغان ياردەم ئەشيالىرىنىڭ 40 مىڭ يۈك ماشىنىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر